ئۈچ  رەھبەر سوچى يىغىنىدىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە چاقىرىلغان «سۈرىيە» تېمىلىق ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1145759
ئۈچ  رەھبەر سوچى يىغىنىدىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، يىغىندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشىگە ئالاقىدار قارارى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش باسقۇچى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك ۋە دائېشنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنمايدىغانلىقى شەكىلدە تاماملىنىشى كېرەك، باسقۇچنىڭ تېررورىزم تەھدىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئېڭىغا ئاساسەن داۋاملاشتۇرۇلۇشى لازىم، بىخەتەر رايون تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىدىغان بىر ساھەگە ئايلىنىپ قالماسلىقى شەرت. بىز قانداقتۇر بىرەر تېررورچىلار كارىدورىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىغا ئەسلا يول قويمايمىز. سوچى باشلىقلار يىغىنى يىغىنىدا، سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشقا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردۇق. ئىدلىبتە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۈچ كاپالەتچى دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدۇق، شۇڭا سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى ئۈمىد چىرىغى ياندۇردى، بۇنداق ئەھۋال ئىلگىرى ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى.»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن مۇنداق دېدى: «يىغىندا سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم پائالىيەت ساھەلىرىنى بېكىتىپ چىقتۇق، سۈرىيەدە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ۋە ئىنسانىي تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيمىز. 12 – نۆۋەتلىك ئاستانا باشلىقلار يىغىنى مارت ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاساسىي قانۇن كومىتېتى تىزىملىكى ئاساسىي جەھەتتىن تەستىقلاندى.»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى سۈرىيەنىڭ تەقدىرىنى سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۆزى بەلگىلىشى لازىملىقىنىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتۇق ھەمدە بۇ ھەقتە ئاساسىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۇق، جۈملىدىن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇق، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورناتتۇق، تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەدىكى  تېررورچى گۇرۇپپىلاردىن پايدىلىنىپ، نىشانىغا يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر