ۋېنېزۇئېلا ئالىي سوتى پارلامېنتنىڭ قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ۋېنېزۇئېلا ئالىي سوت مەھكىمىسى كۆپىنچىسى ئۆكتىچىلەر ئىگىلەيدىغان دۆلەت پارلامېنتنىڭ قولىدىكى دۆلەت نېفىت شىركىتى «PDVSA» ۋە نېفىت-خىمىيە شىركىتى «Citgo» غا باشقۇرغۇچى تەيىنلەش قارارلىرى ئۈستىدىن كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

1146128
ۋېنېزۇئېلا ئالىي سوتى پارلامېنتنىڭ قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:   «Ultimas Noticias» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇەن خوس مېندوزا ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدە بولغان ئىككى شىركەتكە دۆلەت پارلامېنتى تەرىپىدىن يېڭى باشقۇرغۇچى تەيىنلەشنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.

ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇەن خوس مېندوزا PDVSA شىركىتىنىڭ ئاساسىي قانۇندا دۆلەت مۈلكى دەپ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، دۆلەت پارلامېنتى قارارىنىڭ، ھەق-ھوقۇقنى دەپسەندە قىلش ۋە ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نىكولاس مادۇرونىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى قوبۇل قىلمىغان ئامېرىكا بىلەن كۆپلىگەن غەرب ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋېنېزۇئېلا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى خۇەن گۇايدو، PDVSA شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن 2019-يىل 28-يانۋار، بانكا ھېسابلىرىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

«Citgo» شىركىتى 2017-يىلدىن تارتىپ ئېمبارگو سەۋەبىدىن پۇل يۆتكىيەلمەي كەلمەكتە. ۋېنېزۇئېلا نېفىتىنىڭ ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ئىمپورتچىسى بولغان «Citgo» نىڭ، ۋېنېزۇئېلادا 3500 خىزمەتچىسى، 5 مىڭدىن ئارتۇق ماي قاچىلاش پونكىتى، توققۇز تۇرۇبا لىنيەسى ۋە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 760 مىڭ ۋارىل خام نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ئۈچ دانە نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر