ئىران پاكىستانغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز تىررېتورىيەسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكلاتلىرىغا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1145296
ئىران پاكىستانغا نارازىلىق بىلدۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پاكىستان چېگراسىدىكى سىستان بېلۇچىستان ئۆلكىسىدە ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنى نىشان قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، پاكىستان ھۆكۈمتىگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، پاكىستاننىڭ زېمىنىدا پائاليەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇررىزا رەھمانى فازلى ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ئاز دېگەندىمۇ 27 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز تىررېتورىيەسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكلاتلىرىغا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن راھمانى فازلى، «پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز تىررېتورىيەسىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى. 

ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنىمۇ جىكىلىدى.

رەھمانى فازلى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدا، پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىرانغا قارشى كونفېرانس بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ ھۇجۇم ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئىشەنمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى. 

ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان سىستان ۋە بېلوچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق زاھىدان شەھىرىدە تۈنۈگۈن كەچتە بومبا قاچىلانغان ئاپتومبىل ئارقىلىق ئىران ئىقىلاب مۇھاپىزەتچلىرىگە ئادەم بومبا ھۇجۇمى قىلىنغان ۋە ئاز دېگەندىمۇ 27 كىشى ئۆلۈپ، 20 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى رايوندا پائالىيەت قىلىۋاتقان «جەيشۇل ئەدل» ناملىق تەشكىلات ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن پاكىستانمۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇھەممەد فەيسەل، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «زاھىداندا ئىران ئىقىلاب مۇھاپىزەتچلىرىگە قىلىنغان ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇم يۈزىسىدىن قاتتىق ئازابلانغان ئەھۋالدىمىز. بۇ ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە چوڭقۇر تەزىيە تېلەكلىرىمىزنى يوللايمىز. پاكىستان تېررولۇقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئەيىبلەيدۇ» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر