ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە ئىستىخبارات مۇتەخەسسىسى ئىراننىڭ جاسۇسىمۇ؟

ئامېرىكىدا سابىق ھاۋا ئارمىيە ئىستىخبارات مۇتەخەسسىسى بىر ئايال ئوفېتسىر ئىران ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

1144937
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە ئىستىخبارات مۇتەخەسسىسى ئىراننىڭ جاسۇسىمۇ؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» ۋە ھاۋا ئارمىيە مەسئۇللىرىنىڭ ۋاشىنگىتوندا ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا، بىر يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ھاۋا ئارمىيەسىدە ئىستىخبارات مۇتەخەسىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مونىكا ۋىتنىڭ ئىران ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

مەسئۇللار ۋىتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا مەخپىي مەلۇماتلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنى يات دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە بېرىش»، «توزاق قۇرۇش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ۋىت ھەققىدە تەييارلانغان 27 بەتلىك ئەيىبلەشكە ئاساسلانغاندا، ۋىت ھەم ئامېرىكا، ھەم ئىران پۇقراسى بىر كىشى تەرىپىدىن جاسۇسلۇققا تەيىنلەنگەن.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتتىن قوللىغان بىر كونفېرانس ئۈچۈن 2012يىلى ئىرانغا بارغان.

ۋىتنىڭ 2013يىلى ئىرانغا بارغانچە ھازىرمۇ ئىراندا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەيىبلەشلەردە يەنە، ۋىتنىڭ ئىنتايىن مەخپىي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىگە تەۋە بىر پىروگراممىنىڭ مەخپىي شىپرىسى ۋە مەقسىتىنى ئىران مەسئۇللىرىغا يەتكۈزگەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى جاسۇسلۇق قىلىۋاتقان بىر مەخپىي خادىمىنىڭمۇ ئىسمىنىمۇ ئىرانغا ئېيتىپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى. 

ۋىت ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدە 1997يىلىدىن 2008يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، 2010يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالاھىدە تەكشۈرۈش بۆلىمىدە مۇداپىئەگە مەسئۇل بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ۋىتنىڭ ئەسلىدە چەت ئەل ئىستىخبارات ۋە قارشى جاسۇسلۇق خىزمەتلىرى تاللاشلىرىغا ئالاقىدار ئىنتايىن مەخپىي، دۆلەت مۇداپىئەسىگە تەۋە مەلۇماتلارغىمۇ ئېرىشىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر