ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشمەكتە...

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

1145205
ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشمەكتە...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا، «ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىمىز ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىمىز بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئافغانىستان كۈچلىرىنىڭ مەشىق قىلدۇرۇلۇشى ۋە كۈچەيتىلىشىگە بولغان ياردەملىرىمىزمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئافغانىستاندىكى ناتو خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەزكۇر يىغىنىدا، ناتونىڭ ئىراق ۋە كوسوۋودىكى پائالىيەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ناتونىڭ ئافغانىستاندا 16 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر