بېيجىڭدا قاتتىق قار يېغىپ، ئايروپىلان قاتنىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى

خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا قاتتىق قار ياغقانلىقى سەۋەبىدىن 95 ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1145395
بېيجىڭدا قاتتىق قار يېغىپ، ئايروپىلان قاتنىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەركىزىي تېلېۋزىيە ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىدە شەھەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن قار سەۋەبىدىن بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايرودورۇمىدا 95 ئايروپلان سەپىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئايروپىلان ئۇچۇشلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىغا قارىتا قار يېغىش تۇپەيلىدىن كۆرۈش مۇساپىسىنىڭ بىر كېلو مېتىرغا چۈشۈپ قالغانلىقى سەۋەب كۆرسىتىلدى.  شۇنىڭدەك مۇز تۇتۇش، يول تىيىلغاقلىشىش قاتارلىقلارنىڭ يۈقىرى پەللىگە چىققانلىقى، شۇڭا يولۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايروپىلان شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

بېيجىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىن تارتىپ، قاتتىق قار يىغىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۈگۈنمۇ پۈتۈن كۈن داۋملىىشدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر