8 ياۋروپا دۆلىتىنى رۇسىيەنى بۆلگۈنچىلەرنى قوللاشنى توختىتىشقا چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 8 دۆلەت، رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچىلەرگە مالىيە ۋە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بەرمەسلىككە چاقىردى.

1144500
8 ياۋروپا دۆلىتىنى رۇسىيەنى بۆلگۈنچىلەرنى قوللاشنى توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، پولشا، شىۋېتسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئالاقىدار يىغىنىدىن ئىلگىرى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچىلەرگە مالىيە ۋە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بەش يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ پۇقرالارغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئىنسانپەرۋەر ياردەم ۋە مۇھاپىزەتكە موھتاج 3 يېرىم مىليون ئادەمنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياياناتتا، ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە تىنچ ئۇسۇلدا چارە تېپىش ئۈچۈن تەرەپلەرنىڭ مىنىسكى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىمۇ ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيەنىڭ 2014 – يىلى قىرىمنى قوشۇۋېلىشىنى ۋە دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىدىكى بۆلگۈنچىلەر ئېلان قىلغان ئاتالمىش ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمىغان تۈركىيە، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر