زەرىف: بۇ ئامېرىكىنىڭ «مەغلۇب» سىياسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋاقتىدۇر

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئىرانغا قاراتقان «مەغلۇب» سىياسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى.

1143737
زەرىف: بۇ ئامېرىكىنىڭ «مەغلۇب» سىياسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋاقتىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، 40 – يىلىنى تەبرىكلەۋاتقان ئىران دائىرىلىرىگە قاراتقان ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە قايتۇردى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ 40 يىلدىن بۇيانقى سىياسەتلىرىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىرانلىقلارنىڭ ھەرگىزمۇ تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىش، ئامېرىكا سىياسىتىنى ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇش، ئىراننى قان ۋە بايلىق يولى بىلەن مۇقىمسىزلاشتۇرۇش جەھەتتىكى 40 يىللىق مەغلۇبىيەت. دونالد ترامپنىڭ 40 يىللىق خاتا تاللاشلاردىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ مەغلۇب سىياسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋاقتى كەلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ 40 – يىلىنى تەبرىكلەۋاتقان تېھران دائىرىلىرى توغرىسىدا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئىراندىكى تۈزۈم پەقەت 40 يىللىق مەغلۇبىيەت ياراتتى. ئىران خەلقىمۇ پارلاق كېلەچەككە لايىقتۇر» دېگەنىدى.

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتونمۇ ئاقساراينىڭ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بىر ۋىدېئولۇق ئۇچۇر تارقىتىپ ئىران ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سالغانىدى.

 ئىراننىڭ سۈرىيە، ئىراق، يەمەن ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى «خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ نۇقتىلىق مالىيە بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن بولتون، «بۇنىڭدىن كېيىن تەبرىكلەيدىغان ئۇنچىلا كۆپ يىل بار دەپ ئويلىمايمەن» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر