پومپېيو: ئامېرىكا قاشىقجى جىنايىتىگە چاپان ياپمايدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە چاپان يېپىش ئورۇنۇشلىرىغا ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

1143624
پومپېيو: ئامېرىكا قاشىقجى جىنايىتىگە چاپان ياپمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مايك پومپېيو، ئامېرىكىنىڭ بوداپىشتتىكى ئەلچىخانىسىدا مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ، دېموكراتچى پالاتا ئەزاسى تىم كەيننىڭ ئۆتكەن ھەپتە «ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە چاپان يېپىش ئورۇنۇشلىرىغا ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرى» نىڭ خاتىرىلىشىدىن كېيىن سۆز قىلىپ، «پالاتا ئەزاسى كەين خاتالىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بىر جىنايەتكە چاپان ياپمايدۇ» دېدى.

مايك پومپېيو، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئىشلەۋاتىمىز. پىرېزىدېنتنىڭ بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيەسى ناھايىتى روشەن، بۇنىڭدىنمۇ روشەن بولالمايتتى. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولغانسېرى سەۋەبكارلىرىنى جاۋابكار دەپ قاراشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يازغۇچىسى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ماتېرىياللىرىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرىكى ئېلىنالمىغانىدى.

جىنايەت يۈز بەرگەندىن كېيىنكى مۇساپىدە قاشىقجىنىڭ قاچان، قەيەردە، قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقتى، بىراق جەسىتىنىڭ ئورنى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىدى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA نىڭ، قاشىقجى جىنايىتىنىڭ بۇيرۇقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ چۈشۈرگەنلىكى يەكۈنىنى چىقارغانلىقىنى يازغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ سوت ئاچمايلا خالىغانچە ئۆلتۈرۈۋېتىش دېلولىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئاگنېس كالمارد، جەمال قاشىقجى جىنايىتىنى خەلقئارا دەرىجىدە تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، 28 – يانۋاردىن 3 – فېۋرالغىچە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، «تۈركىيەدىكى خىزمىتىم جەريانىدا توپلىغان دەلىللىرىم، قاشىقجىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىن پىلانلانغان شەپقەتسىزلەرچە بىر جىنايىتىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر