مىسىر گوللاندىيەدىن 4500 يىللىق تارىخقا ئىگە ھەيكەلنى قايتۇرۇپ ئالدى
مىسىر ھۆكۈمىتى تەخمىنەن 30 يىل ئىلگىرى گوللاندىيەگە ئوغرىلاپ كېتىلگەن 4500 يىللىق تارىخقا ئىگە ھەيكەلنى قايتۇرۇپ ئالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر تارىخىي يادىكارلىقلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلنغان يازما باياناتتا، گوللاندىيەدە بىر تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزى زالىدا ساقلىنىۋاتقان، ھاك تېشى بىلەن ياسالغان 4500 يىللىق تارىخقا ئىگە ھەيكەلنىڭ مىسىرنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2018 – يىلى مارت ئېيىدا ھەيكەلنىڭ ئامستېردامدا بىر تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزى زالىدا ئىكەنلىكىگە دائىر مەلۇمات يەتكۈزگەندىن كېيىن، گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
گوللاندىيە مەسئۇللىرى بىلەن ئورنۇتۇلغان ئالاقە ۋە ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە، ھەيكەلنىڭ 1990 – يىللىرى مىسىردىن قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئېلىپ قېچىلغانلىقى ئىسپاتلاندى ۋە ھەيكەل مىسىر دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
قوللىرىنى يان تەرەپكە ئاچقان بىر ئەرنىڭ يۇقىرى قىسمىدىن ئىبارەت بولغان بۇ ھەيكەلنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 - ۋە 2500 - يىللىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى ھەمدە ئۈستىدە ئويما خەتلەرنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.