يېڭى زېلاندىيەدە دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ جەنۇبىي ئارىلىدا يۈز بەرگەن ۋە شامالنىڭ تەسىرىدە سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ كەتكەن ئوت ئاپىتى يۈزىسىدىن مىڭلارچە كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

1142251
يېڭى زېلاندىيەدە دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6 كۈن بۇرۇن يېڭى زېلاندىيەنىڭ جەنۇبىي ئارىلىدىكى نېلسۇن شەھىرى ئەتراپىدا باشلىنىپ ۋيېكفېيلد بازىرىغا تەھدىت پەيدا قىلغان ئوت ئاپىتى يۈزىسىدىن تاسمان رايونىدىن 3 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى.

رايوندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە بۈگۈن شامالنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئادرېرن، ئوت ئاپىتىنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىشى ئۈچۈن ھاۋا شارائىتىنىڭ ياخشى بولۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوت ئاپىتىگە مۇداخىلە قىلىش خىزمەتلىرىگە 23 تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئىككى نورمال ئايروپىلان قاتناشتى.

ئوت ئاپىتىنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە يۈز بەرگەن 1955 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئوت ئاپىتى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر