كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئېبولا باكتېرىيەسى يۈزلەرچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە يېقىنقى 6 ئايدا ئېبولا باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 502 گە يەتتى.

1142242
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئېبولا باكتېرىيەسى يۈزلەرچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى 6 ئايدا 502 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 271 ئادەم شىپا تاپقان.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا يەنە، 441 ئادەمنىڭ ئېبولا باكتېرىيەسىنى يۇقتۇرۇۋالغاندىن، 61 ئادەمنىڭ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

رايوندا 8 – ئاۋغۇستتا باشلانغان سەپەرۋەلىك خىزمەتلىرى سايىسىدا 74096 ئادەمگە ۋاكسېنا سېلىندى.

ئېبولا، تۇنجى قېتىم 1976 – يىلى سۇداننىڭ نزارا ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يامبۇكۇ شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققانىدى. بۇ كېسەللىك 2013 – يىلى غەربىي ئافرىقىغا يېيىلدى ۋە گىنە، لېبىرىيە شۇنداقلا سېررالىئوندا 2017 – يىلى 30 مىڭ ئادەمگە يۇقتى، 11 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.


خەتكۈچ: #كونگو , #ئېبولا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر