فىرانسىيە – ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس يۈز بەردى

فىرانسىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك كىرىزىس يۈز بەردى.

1141374
فىرانسىيە – ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ رىم باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىش توغرۇلۇق قارار چىقىرشىدىن كېيىن،  ئىتالىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ماتتېئو سالۋىنى،  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھېچكىم بىلەن جېدەل قىلىش نىيىتىمىز يوق، كەلسە – كەلمەس تالاش – تارتىش قىلىشنىمۇ خالىمايمىز، بىز راستچىل ئىنسانلار بولۇپ، پەقەت ئىتالىيە خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىلا قوغداشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن 3 تۈرلۈك ئاساسلىق مەسىلە توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز. جۈملىدىن، بۇ ئۈچ تۈرلۈك مەسىلە مۇنۇلاردىن ئىبارەت. بىرىنچىسى، 2017 – يىلدىن بۇيان سانى 60 مىڭغا يېتىدىغان فىرانسىيە تەرەپ رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىتالىيە چېگراسىدىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسى. ئىككىنچىسى، ئىتالىيەدە جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىن فىرانسىيەگە قېچىپ كېتىپ، شۇ يەردە ھۇزۇر – ھالاۋەت ئىچىدە ياشاۋاتقان 15 جىنايەتچى مەسىلىسى. ئۈچىنچىسى، ئىتالىيەدىن فىرانسىيەگە بارىدىغان ئىشچىلارنىڭ فىرانسىيە چېگراسىدا سائەتلەرچە تەكشۈرۈلۈش مەسىلىسى. بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە فىرانسىيە تەرەپ بىلەن ئىجابىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋە ئىتالىيە خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشقا تەييارمىز.»

ئىتالىيەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ شېرىكلىرىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى سولچىل 5 يۇلتۇز ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى لۇئىگى دى مائىئو ۋە ئاشقۇن ئوڭچىل لىگ پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سالۋىنى، يېقىندىن بۇيان پات - پات فىرانسىيەنى ئافرىقىدا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە ئىتالىيە ئەدلىيە ئورگانلىرىدىن قاچقان تېررورچىلارنى باغرىغا بېسىش بىلەن ئەيىبلەۋاتاتتى. دى مائئىئو بىلەن سالۋىنى يەنە، سېرىق جىلىتكىلىكلەر ھەرىكىتىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا قوللاش بىلەن فىرانسىيەنىڭمۇ نارازىلىق قوزغاپ كېلىۋاتاتتى.

5 يۇلتۇز ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى دى مائىئو مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا پارىژغا بېرىپ، سېرىق جىلىتكىلىكلەر ھەرىكىتىنىڭ بەزى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى. فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رىم باش ئەلچىسى كىرىستىئان ماسسېتنى قايتۇرۇپ كېتىش توغرۇلۇق قارار چىقارغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر