لىما گۇرۇھى ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىنى خۇەن گۇايدونى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا قىتئەسىدە 14 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان لىما (Lima) گۇرۇھىنىڭ 10 ئەزاسى، ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىنى ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدونى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

1139000
لىما گۇرۇھى ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىنى خۇەن گۇايدونى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قىتئەسىدە «ۋېنېزۇئېلادىكى كىرىزىسقا تىنچلىق چارە تېپىش» نى مەقسەت قىلىپ تەشكىللەنگەن لىما گۇرۇھىنىڭ 10 ئەزاسى بلغان ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، كولومبىيە، كوستارىكا، گىۋاتېمالا، ھوندۇراس، پېرۇ، چىلى ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلدى.

لىما گۇرۇھى يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «لىما گۇرۇھى ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىنى باش قوماندان سۈپىتى بىلەن ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتقا ساداقىتىنى بىلدۈرۈشىنى چاقىرىدۇ» دېدى.

باياناتتا يەنە، ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەكلىكىمۇ تەلەپ قىلىندى.

ئوخشىمىغان خەلقئارالىق ئاكتىيورلار تەرىپىدىن باشلانغان مۇزاكىرە ھەرىكەتلىرىنىڭ، نىكولاس مادۇرو تەرىپىدىن بۇرمىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا، بۇ سەۋەبتىن بارلىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ خۇەن گۇايدونى ۋە ئۇنىڭ پىلانىنى قوللاش كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ۋېنېزۇئېلادىكى ئىنسانىي كىرىزىستىن ئەندىشە ھېس قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسىنىڭ پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرۇ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

ب د ت ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق خەلقئارالىق تەشكىلات ھەمدە جەمئىيەتلەرنىڭ، ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش تەييارلىقىدا بولۇشى چاقىرىق قىلىنغان باياناتتا، لىما گۇرۇھىنىڭ يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۈچ ئىشلەتمەستىن تىنچلىق شەكىلدە دىپلوماتىك ۋە سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر