خۇەن گۇايدو ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدو ۋېنېزۇئېلاغا «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى» ئۈچۈن دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق بىرلەشمىلەرنى تەشكىللەيدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1138230
خۇەن گۇايدو ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۇنياسى ھەمدە لاتىن ئامېرىكادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلغان خۇەن گۇايدو، تۋىتتېردا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىلانى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

خۇەن گۇايدو، بىرازىلىيە، كولومبىيە ۋە كارايىپ دېڭىزىدىكى بىر ئارالدىن ئەۋەتىلىدىغان «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى» ئۈچۈن دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق بىرلەشمە قۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئارمىيەنىڭ مەزكۇر ياردەملەرنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا كىرگۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىشى ئۈچۈن نامايىش ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ۋېنېزۇئېلاغا تەۋە بايلىقلارنىڭ ۋە بانكا ھېسابلىرىنىڭ توڭلىتىلىشى ئۈچۈن ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر