بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبقا بولغان ھۇجۇمىنى توختاتمىدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار نىڭ «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» چېگرالىرى ئىچىگە جايلاشقان تۇرالغۇلارغا قىلغان توپ ئوقى بومباردىمانىدا، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

1138155
بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبقا بولغان ھۇجۇمىنى توختاتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد كۈچلىرى سوچى كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى ئىچىدىكى جەرجەناز، ئەل تۇھ ۋە ئەر رۇففە رايونىنى توپ بومباردىمانىغا تۇتتى.

ئىدلىب پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى مۇستافا ھاج يۇسۇف تۈنۈگۈن (3-فېۋرال) كەچتە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ رايونغا قىلغان ھۇجۇمىنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «ئىدلىبنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرى توپ ئوقى بىلەن قاتتىق بومباردىمان قىلىندى. ئەر رۇففە يېزىسىدا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت كەتتى. ھۇجۇمدا ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى» دېدى.

ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ خارابىلىق ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا. جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

ئىدلىب پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يانۋار ئېيىدا ئىدلىبقا قىلغان ھۇجۇمىدا، ئىككى كىچىك بالا، ئۈچ ئايال بولۇپ، جەمئىي 19 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 85 كىشى يارىلانغان.

بەششار ئەسەد كۈچلىرى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىدلىبتىكى ئۇرۇش توختىتىشنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن سوچى كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىدى.

قوراللىق ئۆكتىچىلەر 2018-يىل 17-سېنتەبىر ئىمزالانغان سوچى كېلىشىمىنىڭ تەلىپى بويىچە 10-ئۆكتەبىر بەلگىلەنگەن رايونلاردىن ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى چېكىندۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر