ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇپ چىقتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى ۋېنېزۇئېلادىكى كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، خەلقئارا كوردىناتسىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1137043
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە  مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلادىكى كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، خەلقئارا كوردىناتسىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى غەيرى رەسمىي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ۋېنېزۇئېلادىكى كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى  باشچىلىقىدا خەلقئارا كوردىناتسىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان موگېرىنى، بۇ گۇرۇپپىدا فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، شىۋېتسىيە، ئېكۋادور، كوستارىكا، بولىۋىيە ۋە ئۇرۇگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

موگېرىنى بۇ گۇرۇپپىنىڭ ۋېنېزۇئېلادا قايتىدىن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغانلىقىنى ۋە ۋېنېزۇئېلادا سىياسىي ساھەدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنمىغان تەقدىردە 90 كۈن ئىچىدە بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا تارقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گۇرۇپپىنىڭ تۇنجى يىغىنىنىڭ كېلەر ھەپتە مەلۇم بىر لاتىن ئامېرىكا دۆلىتىدە چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان موگېرىنى، بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ئېمبارگو قويۇش مەسىلىسىنى كېڭەش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

موگېرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلادا «ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە»قايتىدىن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر