سەئۇدى ئەرەبىستاندا كەلكۈن سەۋەبلىك 12 ئادەم قازا قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا شىددەتلىك ھۆل-يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن تۈپەيلى نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى.

1135769
سەئۇدى ئەرەبىستاندا كەلكۈن سەۋەبلىك 12 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا  تۆت كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل-يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن تۈپەيلى، 12 ئادەم قازا قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل-يېغىنلار كەلكۈن ئاپىتىگە سەۋەب بولغان، كەلكۈن نەتىجىسىدە مەملىكەت مىقىياسىدا 12 ئادەم قازا قىلغان.

خەۋەردە، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىش خىزمەتلىرىدە 271 ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان تەبۇك رايونىدىن 137 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئاممىۋى مۇداپىئە مەسئۇللىرى خەلقنى بوران-چاپقۇن ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر