مادۇرو ترامپنى ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش بىلەن ئەيىبلىدى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1135793
مادۇرو ترامپنى ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، ۋەزىيەتنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشىگە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مادۇرو، ترامپنىڭ كولومبىيە ھۆكۈمىتى ۋە قارا جەمئىيەت گۇرۇھىغا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر ۋە ھاكىمىيەتنى قوللايدىغانلار 23- يانۋاردا بىرلا ۋاقىتا نامايىش ۋە يىغىشلار ئۆتكۈزۈپ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانىدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ سانى كۆپ بولغان مەملىكەتلىك مەجلىسنىڭ باشلىقى گۇايدو، ئۆكتىچىلەرنىڭ يىغىلىشلاردا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت جاكارلايدۇ. ئارقىدىنلا ئامېرىكا، ئاۋاسترالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستا رىكا ۋە گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەر گۇايدونىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى بىلەن ئېتىراپ قىلىدۇ.

مېكسىكا، تۈركىيە، رۇسىيە، كۇبا، خىتاي ۋە بولىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مادۇرو ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. مادۇرو ئارقىدىنلا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى، بىراق سودا مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر