ئامېرىكىدا بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ھۇجۇمدا بەش ساقچى يارىدار بولدى.

1134805
ئامېرىكىدا بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوستون ساقچى ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رايوندىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر قانچىلىغان ساقچىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىدە، بەش ساقچىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ۋە بالنېستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى. 

خوستون شەھەر باشلىقى سىيلۋېستېر تارنېر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

ئەتراپتىكىلەرگە ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن ئۇزاق تۇرۇشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر