ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ مەسۇت بارزانىنى قوبۇل قىلدى

ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللا ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مەسۇت بارزانىنى قوبۇل قىلدى.

1134331
ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ مەسۇت بارزانىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللا بىلەن ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مەسۇت بارزانى رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى.

بارزانىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا مەسۇت بارازى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

كۆرۈشۈشتە رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكى، شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىش خىزمەتلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشكە ئىراق تاشقى ئىشلار ۋە مالىيە مىنىستىرى ھوشيار زەبار بىلەن ئىيوردانىيە شاھزادىسى فايسال بىن ھۈسەيىنمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر