ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكانى تەنقىد قىلدى

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررېئازا ئۆكتىچى دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدونى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ تونىغان ۋە بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلگەن ئامېرىكانى تەنقىد قىلدى.

1132968
ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكانى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررېئازا تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئەمەس، بەلكى باشلامچىلىق قىلىپ، يۈزىگە نىقاپ تاقىماستىن، يوشۇرۇشقا كېرەك يوق دەپ قارىغانلىقى دىققەت قوزغايدۇ. سىياسىي ئۆزگىرىش ۋاشىنگتوندا پىلان قىلىندى ۋە دۇنيادىكى <سۈنئىي ھەمراھ > ھۆكۈمەتلەرگە ۋە ئاكتىيورلارغا يوليورۇق بېرىپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئىجرا قىلدى» دېدى.

تۈنۈگۈن (24-يانۋار) ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر ۋە مادۇرو ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغانلار ئۆتكۈزگەن نامايىشلار، ۋېنېزۇئېلا ھەمدە رايون نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.

ئۆكتىچىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدو نامايىشتا ئۆزىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى» دەپ ئېلان قىلدى. خۇەن گۇايدونىڭ «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتلىقى» نى، ئامېرىكا، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋاتور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستارىكا ۋە گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلدى.

مادۇرو كاراكاستىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىنىڭ بالكونىدىن قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەنلىكلىرىنى ۋە ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ 72 سائەت ئىچىدە ۋېنېزۇئېلادىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر