مادۇرو تۈركىيە، رۇسىيە ۋە خىتايغا رەھمەت ئېيتتى

ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ۋېنېزۇئېلا پارلامېنت باشلىقى ۋە ئۆكتىچى رەھبەر جۇئان گۇئائىدونىڭ ئۆزىنى ۋاقىتلىق دۆلەت رەئىسى دەپ ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، قوللىغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيە، رۇسىيە ۋە خىتايغا رەھمەت ئېيتتى.

1132963
مادۇرو تۈركىيە، رۇسىيە ۋە خىتايغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مادۇرو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋېنېزۇئېلانىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە، خىتاي، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر ھەم خەلقلەرگە، ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.»

ۋېنېزۇئېلادا ئالدىنقى كۈنى ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرىنىڭ نامايىشلىرى دۆلەت ھەم رايونغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆكتىچىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان مىللىي مەجلىسنىڭ باشلىقى گۇئائىدو، ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشىدا ئۆزىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋاقىتلىق دۆلەت رەئىسى دەپ ئېلان قىلغان، ئارقىدىنلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۇۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستارىكا ۋە گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانىدى.

ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، پايتەخت كاراكاستىكى پىرېزىدېنت سارىيىنىڭ بالكونىدىن ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە خىتاب قىلغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەنلىكلىرىنى، بۇ دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىغا ۋېنېزۇئېلانى تەرك ئتىشلىرى ئۈچۈن 72 سائەت مۆھلەت بەرگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر