پۇتىن: تۈرك دوستلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىمىز

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا «بىخەتەر رايون» بەرپا قىلىنىش مەسىلىسىدە تۈرك دوستلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1132068
پۇتىن: تۈرك دوستلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن كىرېمىل سارىيىدا ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز، كىرىزىسنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. كېيىنكى تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنى موسكۋادا چاقىرىشنى پىلانلاۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە، بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئورتاق قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كومىتېتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋاكالەتخانىسى بىلەن ماس قەدەمدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قانۇن كومىتېتى ناھايىتى مۇھىم بىر ساھە بولۇپ، بۇ ھەقتكى پائالىيەتلىرىمىز بۇ ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، بارلىق تەرەپلەر ئارا دىيالوگ ئورنىتىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر