نىكولاس مادۇرو خەلقنى كوچىلارغا چىقىشقا چاقىرىق قىلدى
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو خەلقنى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش خەۋپىگە قارشى سەگەك بولۇشقا ۋە سەپەرۋەر بولۇشقا چاقىرىق قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت كاراكاستا تۈنۈگۈن (23-يانۋار) ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن پۈتۈن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقلىرىنى ھەمدە ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلانى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 72 سائەت ۋاقىت بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان مادۇرو، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابى ئارقىلىق ئۆز خەلقىگە خىتاب قىلدى.
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو مەملىكەتتە داۋاملىشىۋاتقان بىر ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش خەۋپى بارلىقىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى نۇتۇقلىرىدىمۇ كۆپ تەكرارلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم خەلقنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.
مادۇرو: «جەسۇر ۋە جەڭگىۋار ۋېنېزۇئېلا خەلقىنى بىر تەرەپتىن ئۆز ئىشلىرى ۋە ئوقۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كوچىلاردىن قايتماسلىققا ۋە سەپەرەۋەر بولۇشقا چاقىرىق قىلىمەن. نە ھەربىي– سىياسىي ئۆزگىرىشكە، نە سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويماسلىق كېرەك. ۋېنېزۇئېلا تىنچلىقنى خالايدۇ» دېدى.
كاراكاستا بۈگۈن (24-يانۋار) مادۇرونى قوللاش ئۈچۈن ۋېنېزۇئېلا سوتسىيالىست پارتىيەسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا نۇتۇق سۆزلىگەن قۇرغۇچى پارلامېنت باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى دىئوسدادو كابېللومۇ ۋېنېزۇئېلا خەلقىنى ھەر كۈنى كەچتە دۆلەت پىرېزىدېنتلىق سارىيى مىرافلورېستا ئىزچىل توپلىنىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.