خۇا چۈنيىڭ: خىتاي ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەزىيىتىگە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ

خۇا چۈنيىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنى سوغۇق قانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1132464
خۇا چۈنيىڭ: خىتاي ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەزىيىتىگە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى يېڭى ئەھۋاللار ئۈستىدە توختىلىپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ دۆلەت ئىگىلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى شۇنداقلا مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى ۋە: «خىتاي ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىگە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

ئۇ ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى مەنتىقىلىق ھالدا سوغۇق قانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى ۋە: «خىتاي تەرەپ ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى شۇنداقلا مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىگە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ» دېدى.

خۇا چۈنيىڭ خەلقئارا جامائەتچلىكنىڭ بۇ مەسىلىدە پايدىلىق شارائىتلارنى شەكىللەندۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ۋېنېزۇئېلانىڭ بارلىق سىياسىي ئۇقۇشماسلىقلارنى دىيالوگ ۋە مەسلىھەت بىلەن ھەل قىلىشى، زورۋانلىقتىن ئۇزاق تۇرۇشى ۋە نورمال ھالىتىگە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ يەنە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ۋېنېزۇئېلا بىلەن غەربىي يېرىم شاردىكى مۇھىم دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ئەنئەنىۋى رىشتىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت، باراۋەرلىك ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماسلىق ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى.

خۇا چۈنيىڭ شۇنداق قىلغاندا ھەم ئىككى دۆلەتكە، ھەم ئامېرىكا قىتئەسىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۇپ: «تەكىتلىمەكچى بولغىنىمىز. تاشقى ئېمبارگو ۋە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش ئەھۋالنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋىتىدۇ، ھەقىقىي مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا پايدىسى بولمايدۇ، ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى بارلىق تەرەپلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر