ئاۋسترالىيە پۇقراسى يازغۇچى ۋە سابىق دىپلومات ياڭ خېڭجۇننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئاۋسترالىيەلىك يازغۇچى ۋە سابىق دىپلومات ياڭ خېڭجۇننىڭ نيۇ يوركتىن خىتايغا كەتكەندىن بۇيان ئىزدېرىكىنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

1131344
ئاۋسترالىيە پۇقراسى يازغۇچى ۋە سابىق دىپلومات ياڭ خېڭجۇننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىدنېيدا ياشايدىغان تەتقىقاتچى فېڭ چوڭيى، ياڭ خېڭجۇننىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى نيۇ يوركتىن گۇاڭجۇغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

فېڭ چوڭيى، ياڭ خېڭجۇننىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي تەرەپ بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى، ئەمما، ئاۋسترالىيە تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە سودا ئىشلىرى باشقارمىسى، خىتايدا يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان ئاۋسترالىيە پۇقراسى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياڭ خېڭجۇننىڭ خىتايغا خىتاي پۇقراسى ئايالى ۋە ئۈگەي ئوغلى بىلەن كەتكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشايدىغان ئاۋسترالىيە پۇقراسى ياڭ خېڭجۇننىڭ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى تەنقىد قىلغانلىقى ۋە 2011 – يىلىدىكى خىتاي زىيارىتى ئەسناسىدىمۇ قىسقا مۇددەت يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر