پومپېيو پەلەستىن-ئىسىرائىلىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئىسىرائىلىيەبىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان يەردە ئىكەنلىكلىرىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1131645
پومپېيو پەلەستىن-ئىسىرائىلىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 49-قېتىملىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ مەخسۇس يىغىنىغا ۋىدېئو ئارقىلىق قاتنىشىپ، سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ پەلەستىن بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» دەپ نام بېرىلگەن لايىھەنى مىسال كەلتۈرگەن ھالدا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ كۇيىئوغلى ۋە مەسلىھەتچىسى جېيرېد كۇشنېر، خەلقئارالىق مۇزاكىرەلەر ئالاھىدە ۋەكىلى جېيسىن گرىنبلات بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى؛ ئۇلارنىڭ «تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى» باسىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پەلەستىن بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ قانداقلا بولمىسۇن بىر شەكىلدە ئۈستەلدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ ئىسىرائىلىيەدىكى سايلاملاردىن كېيىنلا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا مۇھىم ئالاقىلەرنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى باسىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ پەلەستىن بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنىڭ ئونلارچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان، دۇنيانى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىككى تەرەپنى بىر يەرگە جەم قىلالايدىغان يەردە ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىمەن.»

ئۇ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىلگىرى سۈرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر قوللىغان «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» پىلانىدا، پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن سىنا زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىش، ياكى پۈتكۈل قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيەگە بېرىش ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنغا خىلاپ كۆپ قىسم يەھۇدىي تۇرالغۇلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئوخشاش پەلەستىنلىكلەرگە پايدىسىز ماددىلارنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ئىسىرائىلىيە تەرىپىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلانغان 6 مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك مۇساپىرنىڭ يۇرتىغا قايتىش مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلمىگەن پىلاندا، پەلەستىن تەرەپكە بىر قاتار ماددىي ياردەملەرنى قىلىش ۋە قۇددۇسنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردىن بىرىنى پايتەخت قىلىشنىڭ تەكلىپ قىلىندىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

پەلەستىن مەزكۇر كېلىشىمنى كەسكىن تۈردە رەت قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر