لىۋىيەدە كۆچمەنلەر پاجىئەسى يۈز بەردى

لىۋىيە ساھىللىرىدا يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن پاجىئەدە 2 كۆچمەن ھاياتىدىن ئايرىلدى، 332 سى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1131709
لىۋىيەدە كۆچمەنلەر پاجىئەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، لىۋىيە ساھىللىرىدا 4 قېتىملىق تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە  332 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 2 سى سوغۇقتا دېڭىزدا قالغانلىقى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

باياناتتا، بۇ كۆچمەنلەرنىڭ قايسى دۆلەتلەردىن ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، لىۋىيە توقۇنۇش ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىن قانۇنسىز يوللار بىلەن ياۋروپاغا كەتمەكچى بولغان ئافرىقىلىق تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆتۈش ئېغىزلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر