ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى جانغا زامېن بولدى
ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن سۇ ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1131604
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Metro TV › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارالنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان گوۋا رايونىدا قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، رايوننىۇڭ شىمالىدىكى ماكاسسار شەھىرىمۇ سۇ ئاپىتىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان. ئاپەتتىن كېيىن ئۆي – ماكانلىرىدا قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
تىروپىك بەلباغقا جايلاشقان ھىندونېزىيە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن دائىم - دېگۈدەك سۇ ۋە يەر كۆرۈش ئاپەتلىرىگە ئۇچرايدىكەن.