يەمەن خەلقى ئاچارچىلىق گىردابىدا ياشىماقتا

يەمەن سانائەت ۋە سودا مىنىستىرى مۇھەممەد ئابدۇلۋاھىد ئەل مايتىمى يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

1129849
يەمەن خەلقى ئاچارچىلىق گىردابىدا ياشىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە 22 مىليون كىشىنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك كاپالىتىنىڭ يوقلىقى، 12 مىليون كىشىنىڭ بولسا ئاچارچىلىق گىردابىدا ياشاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

لىۋاننىڭ پايتەختى بەيرۇتتا چاقىرىلغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلغان يەمەن سانائەت ۋە سودا مىنىستىرى مۇھەممەد ئابدۇلۋاھىد ئەل مايتىمى، 29 مىليون نوپۇسى بولغان يەمەندە 3 مىليون كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر مۇھەممەد ئابدۇۋاھىد ئەل مايتىمى، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان 3 مىليون كىشىدىن 500مىڭ كىشىنىڭ ئۆزگە دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئۈستىدىمۇ توختالغان مىنىستىر مۇھەممەد ئەل مايتىمى، يەمەننىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش كىرىمىنىڭ يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ۋە مىليونلارچە ئادەمنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇھەممەد ئەل مايتىمى، ئىقتىسادنىڭ ناچارلاپ كېتىشىنىڭ %80ئادەمنىڭ ئىشىسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.

يەمەندە ھاكىمىيەتتە تېخىمۇ كۆپ نوپۇزغا ئېرىشىشنىڭ كويىدا يۈرگەن شىئە ھۇسىيلارنىڭ، 2014-يىلى قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ پايتەخت سەنئادىكى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى نەتىجىسىدە سىياسىي بۆھران ۋە ئۇرۇش كېلىپ چىققانىدى.  

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىلىرىمۇ 2015-يىلى مارتتا، شىئە ھۇسىيلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، يەمەننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

4 يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش يەمەننىڭ ئاجىز ئىقتىسادىنى ۋە ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى، نەتىجىدە يەمەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۇنيادا ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىس يۈز بېرىۋاتقان دۆلەت» ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر