تالىبان بىر ھەربىي گازارمىغا ھۇجۇم قىلىپ 126 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ مەيدان ۋارداق ۋىلايىتىدىكى بىر ھەربىي گازارمىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 126 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1129848
تالىبان بىر ھەربىي گازارمىغا ھۇجۇم قىلىپ 126 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەيدان ۋارداق ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئابدۇرراھمان مانگال، 4 ھۇجۇمچىنىڭ بىرىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى گازارمىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا پارتلىتىشىدىن كېيىن، باشقا ھۇجۇمچىلارنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ئېتىشىشقا باشلىغانلىقىنى، ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان توقۇنۇش نەتىجىسىدە 3 ھۇجۇمچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەيدان ۋارداق ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىسىنىڭ باش دوختۇرى سالىم ئاسگارخىل، ھۇجۇمدا 126 ئادەمنىڭ جېنىدىغان ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئافغانىستان رەسمىي دائىرىلىرى، دەسلەپتە ئۆلگەنلەر سانىنى 12 دەپ ئېلان قىلغانىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر