ئاۋسترىيە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ۋاقىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى تەۋسىيە قىلدى

ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز، قوپال ۋە تەرتىپسىز بىر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنىڭ ھەم ئەنگلىيەگە، ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1129226
ئاۋسترىيە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ۋاقىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى تەۋسىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېباستىيان كۇرز گېرمانىيەنىڭ ۋېلت ئام سوننتاگ گېزىتىغا بايانات بېرىپ، تەرەپلەرنىڭ «كېلىشىمسىز ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش» تىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر تۈرلۈك سېنارىيەگە تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ تەكلىپىنى سۇنۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن كۇرز، «ئەگەر لوندون، مۇنتىزىم بىر ئىستراتېگىيە ۋە پىلاننى ئوتتۇرىغا قويسا، بىرلىكتىن چىقىش ۋاقتىنىڭ يەنە بىر قانچە ئاي كېچىكتۈرۈلۈشىنى ئويلاشقا بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمى سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى بېلەت تاشلاشتا رەت قىلىنغانىدى. ئەنگلىيە بۇنىڭدىن 3 يىلچە ئىلگىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قارار قىلغان، دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ۋاقتى 29 – مارت دەپ پىلانلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر