دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىدىغان بولدى

ئاق ساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدىكى 2 – قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ فېۋرالنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1128947
دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاق سارايدا شىمالىي كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى كىم يوڭچول بىلەن كۆرۈشتى.

ئاق ساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللاردىن پاكلىنىشى ۋە يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە كىم يوڭچول بىلەن بىر يېرىم سائەت مۇزاكىرىلەشتى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ساراھ ساندېرس باياناتىدا، «پىرېزىدېنت ترامپ كېيىنچە ئېلان قىلىنىدىغان ئۇچرىشىشتا كىم چوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى تۆت كۈزى بىلەن كۈتمەكتە» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

تارامپ بىلەن كىم جوڭئۇن تۇنجى قېتىم ئالدىنقى يىلى 12ئىيۇندا سىنگاپوردا بىر يەرگە جەم بولغان، ئاندىن ئىككى رەھبەر شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللاردىن پاكلىنىشى مەسلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر