زەرىف: ئامېرىكا دۇنيانى باشقۇرالمايدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكىنىڭ دۇنيانى باشقۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1127546
زەرىف: ئامېرىكا دۇنيانى باشقۇرالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىراننىڭ ئىراقنىڭ كەربالا شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، «ئىراقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىرادىسى قەتئىي، بىراق تۆۋەن دەرىجىلىك ياكى مەھەللىي ئەمەلدارلار ئامېرىكا نوپۇزىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن بۇنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ» دېدى.

تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ، ئىراققا بېرىپ مەبلەغ سېلىشنى باشلىماسلىقى ئۈچۈن ئىرانلىق بىر شىركەتكە بانكا كاپالىتى بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن زەرىف، ئىراندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان سېمونتقا قويۇلغان تاموژنا بېجىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان سېمونتقا قويۇلغان باجدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن زەرىف، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى، بۇ ئىشقا 7 مىليارد دوللار سەرپ قىلىپ، ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئامېرىكا دۇنيانى باشقۇرالمايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى نەزەردە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم» دېدى.

مۇھەممەد جەۋاد زەرىف 4 كۈنلۈك زىيارىتى دائىرىسىدە يەكشەنبە كۈنى باغدادتا ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى، پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ئەلھەلبۇسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلھەكىم بىلەن، ئالدىنقى كۈنى ئەربىلدە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باشلىقى مەسئۇد بارزانى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر