يەمەندە خولېرا بايقالدى

يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى لاھىج شەھىرىدە 5 ئادەم خولېرا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

1126956
يەمەندە خولېرا بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن سەھىيە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش ۋە مۇداخىلە قىلىش ئەترىتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، لاھىجنىڭ يافى ناھىيەسىدە يەكشەنبە كۈنىدىن بۇيان خولىراغا دۇچار بولغان 3 ئەر ، 2 ئايال بولۇپ جەمئىي 5 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.

دوكلاتتا، ناھىيە تەۋەلىكىدىكى تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە 44 كىشىدە گۇمانلىق ھالەت بايقالغانلىقى، ۋاقىتلىق چارە سۈپىتىدە بۇ كىشىلەرگە باكتېرىيەگە قارشى دورا – ئۇكۇللارنىڭ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھىمايسىدىكى پىرېزىدېنت ئابدۇراببۇ مەنسۇر ھادى كۈچلىرى بىلەن ھۇسىيلار ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولۇۋاتقان يەمەن، خولىرا قاتارلىق ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلماقتا.


خەتكۈچ: #يەمەن , #خولېرا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر