ئېفىيوپىيەدە 18 بانكا بۇلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئېفىيوپىيەنىڭ ئورومىيا ئۆلكىسىدە قوراللىق كىشىلەر 18 بانكىنى بۇلىدى.

1126556
ئېفىيوپىيەدە 18 بانكا بۇلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورومىيا ئۆلكىلىك ئالاقە ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، ۋوللېگا رايونى ۋە ئەتراپىدىكى ئېفىيوپىيە سودا بانكىسى، ئورومىيا كوپىراتىپ بانكىسى ۋە ئورومىيا ئامانەت – قەرز بانكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ۋە خۇسۇسىيلار ئىچىدىكى 18 بانكىنىڭ بۇلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر قوراللىقلارنىڭ رايوندىكى دۆلەت ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى مال – مۈلۈكلەرگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ۋە يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، خەلق ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى قەيت قىلىندى.

مەھەللىي تاراتقۇلار، ئۆتكەن ھەپتە باش كۆتۈرگەن بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرىگە ئارمىيەنىڭ قورالسىزلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئورومو ئازادلىق فىرونتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى يازغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر