تالىبان بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى
تالىبان ئەزالىرى، ئافغانىستاننىڭ فەراھ ۋىلايەت مەركىزىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 4 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
1124571
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەراھ ۋىلايەت شۇرا (كېڭەش) سى ۋەكىلى دادۇللاھ كانې مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تالىبان ئەزالىرىنىڭ فەراھ مەركىزىدىكى سۇلتان مىر ئاغا ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ۋەقەدە 4 ساقچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، تالىبان ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمدىن كېيىن ساقچى پونكىتىدىكى قورال ۋە ئوق – دورىلارنى ئېلىپ رايوندىن يىراقلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.