پومپېيو: «ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقى» نى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئوتتۇرا شەرقتە مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىدىكى دۆلەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان «ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقى» نى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقلرىنى ئېيتتى.

1123708
پومپېيو: «ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقى» نى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو مىسىردىكى قاھىرە ئۇنىۋېرستېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ: «كېلەچەكتىكى ئومۇمىي پاراۋانلىق ئۈچۈن ئىتتىپاقلار قۇرۇۋاتىمىز. رايوننىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن كونا رىقابەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېدى.

ئۇ پىرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتلىرى بىلەن يۈزلىشىش، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى قوللاش ئۈچۈن «ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقى» نى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ تىرىشچانلىقلار پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىدىكى دۆلەتلەرنى، مىسىر بىلەن ئىيوردانىيەنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.  بۈگۈن بۇ دۆلەتلەردىن ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كېيىنكى قەدەمنى بېسىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئۇ يەنە، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ پارس قولتۇقىدىكى ئومماننى زىيارەت قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «بۇ يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە كىشىنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان يېڭى مۇناسىۋەتلەر يىلتىز تارتتى» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ رايوندىكى ھەربىي كۈچىگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە، 9-يانۋار (چارشەمبە) كەچتە مىسىرغا يېتىپ بېرىپ، پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۇكرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

مايك پومپېيو ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە مىسىر زىيارىتىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، ئوممان ۋە كۈۋەيتنى زىيارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر