شى جىنپىڭ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرى ئېلان قىلىندى

ئۇچرىشىشتا كىم جوڭئۇننىڭ دونالد ترامپ بىلەن قايتا ئىچرىشىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەندى.

1122919
شى جىنپىڭ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرى ئېلان قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئېلىنىدىغان ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن 2قېتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشكە تىرىچشانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي دۆلەت مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى «CCTV» خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن 8يانۋاردا پايتەخت بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرىلەردە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ «شىمالىي كورېيە، يادرولۇق قوراللاردىن پاكلىنىش، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى مەسىلىلەرنى دىيالوگ يولى ۋە مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلىشقا سادىقلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئېلىنىدىغان ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ 2قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كىم جوڭئۇننىڭ يەنە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ ئەقىلغا ئۇيغۇن ئەندىشىلىرىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرىشى كېرەكلىكىنى شۇنداقلا يېرىم ئارالدىكى مەسىلىلەرنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەل قىلىش چارىسىغا ئېرىشەلىشىگە رىغبەتلەندۈرۈلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ھازىرىقى ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تىنچلىق مۇزاكىلىرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى يېرىم ئارال سازاۋەر بولغان نادىر بىر تارىخىي پۇرسەتتۇر» دېدى. 

كىم جوڭئۇن بىلەن دنالد ترامپ ئىيۇن ئېيىدا سىنگاپوردا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر