مايك پومپېئو مىسىرنى زىيارەت قىلماقتا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە، مىسىرغا يېتىپ باردى.

1122928
مايك پومپېئو مىسىرنى زىيارەت قىلماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر خەۋەر ئاگېنتلىقى «MENA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پومپېئو كۈتۈلمىگەن ئىراق زىيارىتىدىن كېيىن تۈنگۈن كەچتە قاھىرە خەلقئارا ئايرودورۇمىغا يېتىپ كەلگەن. پومپېئونىڭ بۈگۈن مىسىرلىق مەنسەپدىشى سامىھ شۈكرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

پومپېئو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى سەيشەنبە كۈنى ئىيوردانىيەدىن باشلىغان ۋە تۈنگۈن ئىراقتا كۈتۈلمىگەن زىيارەتتە بولغان ئىدى.

پومپېئو بىر قانچە سائەتلا داۋاملاشقان ئىراق زىيارىتىدە، پىرېزىدېنت بەرھەم سالىھ، باش مىنىستىر ئادىل ئابدۇلمەھدى ۋە پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ئەل خالبۇسى بىلەن كۆرۈشكەن ئاندىن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىگە چىققان پومپېئونىڭ، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە مىسىردىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، ئۇمان ۋە كۇۋەيتىنىمۇ زىيارەت قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر