ئەنگلىيە دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىنكاس قايتۇردى

ئەنگلىيە، دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنى ئاچىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

1122020
ئەنگلىيە دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن لوڭدېن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە يۈرگۈزگەن قەتلىئاملىرى تۈپەيلى قانۇنىيلىقىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دەمەشىقتىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنى بۇ سەۋەبتىن 2012 – يىلى تاقىۋەتتۇق، ئېچىشنى پىلانلىمىدۇق، بەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بەزى تاراتقۇلار، ئەنگلىيە دىپلوماتلىرىنىڭ دەمەشىقتىكى ئەلچىخانا بىناسىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى ۋە ئەنگلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى قايتىدىن ئېچىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر