ئافغانىستاندا موتوسىكلىت بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ خوست ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن موتوسىكلىت بومبا ھۇجۇمىدا، 23 پۇقرا يارىدار بولدى.
1121536
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ خوست ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن موتوسىكلىت بومبا ھۇجۇمىدا 2 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
خوست ساقچى ئىدارىسى باشلىقى خوست شەھەر مەركىزىدە موتوسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ كىشىلەر زىچ جايدا پارتىلىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.
خوست دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى ھۇجۇمدا 2 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 23 پۇقرانىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخسئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.