مايك پومپېئو سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋە جەمال قاشىقجى مەسلىسى ئۈستىدە توختالدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەت قالمايدىغانلىقىنى، بىراق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشى ھەققىدە بىر مۇقىم ۋاقىتنىڭمۇ بېكىتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلدى.
مايك پومپېئو سۈرىيەدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشى ئۈستىدە توختىلىپ، سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەت قالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ چېكىنىشىگە دائىر بىرەر ۋاقىت مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا مەسئۇللىرى پومپېئونىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سىگنالىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن مايك پومپېئو 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايتىنىڭ ھېسابىنى سوراش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مايك پومپېئو جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە ئالاقىدار سەئۇدى ئەرەبىسىان ھۆكۈمىتىنىڭ ھېكايىسىنىڭ تېخى ئىشەنچنى ۋەيران قىلىدىغان سەۋىيىگە كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.