ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيە ھەققىدە غەلىتە گەپلەرنى قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو دۆلىتىنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى توغرۇلۇق توختالغاندا تۈركىيە ھەققىدە غەلىتە گەپلەرنى قىلدى.

1118988
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيە ھەققىدە غەلىتە گەپلەرنى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پومپېيو ئامېرىكىنىڭ «‹ NewsMax › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار يوليورۇقلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ يوليورۇقلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىمىز، جۈملىدىن، پەقەت سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشلا ئەمەس، تۈركلەرنىڭ كوردلارنى قەتل قىلىشىغا يول قويماسلىق، سۈرىيەدە دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.»

پومپېيو مۇخبىرلارنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىشەنچىلىك ھەمراھمۇ؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «تۈركلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىمىزغا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. تۈركلەر ئامېرىكىلىقلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ياردەمچى بولۇۋاتىدۇ.»

«تۈركىيەنىڭ ئۆزلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەر» نىڭمۇ بارلىقى تەرىقىسىدە شەرمەندىلەرچە ۋە غەلىتە گەپلەرنى قىلغان پومپېيو، تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون بىلەن سۈرىيە  ئالاھىدە ۋەكىلى جەيمس جېفرېينىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلشىشىمىزغا تېگىشلىك ناھايىتى كۆپ ئىشلار بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر