«بۇلغارىيە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى مۇمكىن»

بۇلغارىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كراسىمىر كاراكاچانوۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن تەقدىردە دۆلىتىنىڭمۇ چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1119306
«بۇلغارىيە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاراكاچانوۋ،  ئافغانىستاندا نۆۋەت بىلەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 158 كىشىلىك بۇلغارىيە قىسمىنىڭ دۆلەتكە قايتىشى مۇناسىۋىتى بىلەن پلېۋنې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە،  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن تەقدىردە، دۆلىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇلغارىيەنىڭ ئافغانىستانغا 37 – قېتىم 160 كىشىلىك قىسىمنى  ئەۋەتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە ئېھتىياجلىق ئەمەس.  بۇ مەسىلە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر بەزى ئىتتىپاقداشلار ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى پىلانلاۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا، بىزمۇ بۇ ھەقتىكى سىياسىتىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈشىمىز لازىم، دەرۋەقە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن تەقدىردە، بۇلغارىيەمۇ چېكىندۈرىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان  بۇلغارىيە ئەسكەرلىرى ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى بىخەتەرلىكنى قوغداش، ھەربىي ئاخبارات ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ساھەلىرىدە تەربىيەلىمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر