ب د ت جامال قاشىقچى جىنايىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تەكشۈرۈلۈشى كېرەك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تەكشۈرۈلۈشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

1119186
ب د ت جامال قاشىقچى جىنايىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تەكشۈرۈلۈشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىلىرىدىن فەرھان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، «ئانادولۇ ئاگېنتلىقى»  مۇخبىرىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جامال قاشىقچى جىنايىتى داۋاسىنى تەقىب قىلىۋاتقان ياكى قلمايۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تەكشۈرۈلۈشى لازىملىقىغا قارىتا چاقىرىقىمىزنى تەكرارلايمىز، بۇ ھەقتىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، چاقىرىقىمىز ئۆزگەرگىنى يوق.»

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى 2 -  ئۆكتەبىر كۈنى ئۆيلىنىش رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان خەتنى ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش بكونسۇلخانىسىغا بارغاندىن كېيىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بۇ جىنايەتتىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىد قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانىدى.

جامال قاشىقچى جىنايىتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ 5 ىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش تەلىپى بىلەن 11 گۇماندارنى سوتلاش ئىشلىرى تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا باشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر