ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونى ئەيىبلىدى

ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيېونى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

1118113
ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى «پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇروغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم قىلىنىشى ئۈچۈن»پېرۇ پىرېزىدېنتى نېستور پوپولىزو بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيېونى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى جەير بولسونارونىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دەسلەپ بىرازىلىيەگە كەلگەن ئارقىدىن كولومبىيەنى زىيارەت قىلغان مايك پومپېيونىڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە «ۋېنېزۇئېلادىكى ھاكىمىيەتنى كۈچ ئىشلىتىپ ئاغدۇرۇپ تاشلاش»نىڭ يوللىرىنى ئىزدەش غەرىزىدە كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا مايك پومپېيونىڭ بىرازىلىيەدە پېرۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پوپولىزىيو بىلەن كۆرۈشكەندە «نىكولاس مادۇروغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكى»مۇ ئەسكەرتىلدى.

پومپېيونىڭ رايونغا «گېپىنى ئاڭلايدىغان ھۆكۈمەتلەرگە يوليۇرۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكى»بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان بېسىم ۋە چەتكە قېقىش سىياسىتىمۇ ئەيىبلەندى.

باياناتتا ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا زىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، بىرازىلىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇك بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كولومبىيەگە يېتىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر