نىگېردە يۈزلەرچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

نىگېر ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ 287 تېررورچىنى ئۆلتۈردى.

1118621
نىگېردە يۈزلەرچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ 287 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

نىگېر مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، نىگېر ئارمىيەسىنىڭ نىگېرىيە چېگراسىدىكى كوماندۇگو رايونىدا  بۇلتۇر 28-دېكابىردىن بۇيان بوكو ھارامغا قارشى ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 200دىن ئارتۇق تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 87 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىلى ئىيۇندا بوسسو رايونىدا نىگېر ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ 30دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

نىگېرىيەدە 2000-يىللارنىڭ بېشىدا باش كۆتۈرگەن بوكو ھارام تەشكىلاتى، 2009-يىلدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىپ 20مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قەتل قىلدى.

تەشكىلات 2015-يىلدىن بۇيان نىگېرىيەگە چىگرالىنىدىغان كامېرۇن، چاد ۋە نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەردە تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىپ كەلمەكتە.

بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ چاد كۆلى ھاۋزىسىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە ئەڭ 2000 ئادەم ئۆلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر