جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار 5 كىشى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى تەلەپ قىلىندى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار تۇنجى سوتتا، 11 گۇماندار ئارىسىدىن 5 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى تەلەب قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىمىىسى بايانات ئېلان قىلىپ، قاشىقجى جىنايىتى دېلوسى دائىرىسىدە سوت قىلىنغان 11 گوماندارنىڭ بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئادۋوكاتلىرى بىلەن بىرگە سوتقا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گوماندارلار ئەيىبلەشلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەھكىمە ھەيئىتىدىن ئەيىبلەشلەرنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۆزلىرىنى ئاقلىيالىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. مەھكىمە كېرەكلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق سوتنى كېيىنكى مەزگىللەرگە ئازارتقانلىقى ئۇقتۇرغان.
باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، 5 گۇماندار ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان ئۆلۈم جازاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، سوت مەھكىمىسىدىن 11 گۇماندار ئۈچۈن شەرىئەت قانۇنى بويىچە جازا بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۈركىيە تەپتىش مەھكىمىسىگە دېلوغا ئالاقىدار تۈركىيەنىڭ قولىدىكى بارلىق پاكىتلارنى ئۆزلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەققىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ 2 ئايرىم ئايرىم تەلەپنامە يوللىغانلىقى قەيت قىلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار 15 – نويابىردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 21 – گۇمانداردىن 11 كىشىگە جىنايەتنى ئارتقان ۋە 5 كىشى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى تەلەپ قىلىپ، سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى، 2 – ئۆكتەبىردە توي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبولدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگىنىدە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.